Chinese→Uyghur主要词典
再认
مائارىپ
zài rèn
قايتا تونۇش
پسىخولوگىيە
تونۇش
بۇ «پەرق ئېتىش» بولۇپ، ئىلگىرى تەجرىبىدىن ئۆتكەن شەيئى قايتا گەۋدىلەنگەندە، ئۇنى بىلىشتىكى پسىخىك جەرياننى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئىلگىرى ئىدراك قىلىنغان نەرسە ۋە ھادىسىلەرنى تەكرار ئىدراك قىلغاندا، ئۇ نەرسە ياكى ھادىسە يادىمىزغا كېلىدۇ، مانا بۇنى تونۇش دەيمىز. تونۇش ھامان باشقا پسىخىك پائالىيەتلەر بىلەن بىللە ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەسىلەن: ئىلگىرى ئىدراك قىلغان نەرسىنى قايتا ئىدراك قىلغاندىكى بىلىشتە تونۇش بىلەن ئىدراك قىلىش تەڭلا يۇز بېرىدۇ. ئىلگىرى ئويلىغانلىرىمىز يادىمىزغا كەلگەندە، شۇنداق ئويلىغانلىقىمىزنى بىلسەڭ، بۇمۇ تونۇش بولىدۇ. بۇ چاغدىكى تونۇش ئەسلەش بىلەن بىرلىكتە يۇز بېرىدۇ. مەلۇم شەيئىگە باغلىنىشلىق ھېسسيات قايتا يۇز بەرگەندە، ئۇنى ئىلگىرى ھېس قىلغانلىقىمىزنى بىلسەك، بۇمۇ تونۇش بولىدۇ. بۇ چاغدىكى تونۇش ھېسسيات بىلەن تەڭ يۇز بېرىدۇ. مەسىلەن: تەجرىبىدىن ئۆتكەن شەيئىنى بەزىدە دەرھال تونۇۋالىمىز، بەزىدە قىسمەن تونۇشلۇق ھېس قىلىپ قالىمىز. بەزىدە خاتا تونۇپ قالىمىز. تونۇشتا قىيىنچىلىق يۇز بەرگەندە، ئەسلەش جەريانىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. تونۇش بىلەن ئەسلەشنىڭ تۈپ پەرقى شۇكى، تونۇش قايتا ئىدراك قلىنغان ئوبيېكتكە قارىتىلغان، ئەسلەش خاتىرىمىزدىن ئىزدەنگەن نەرسە بولۇپ كۆز ئالدىمىزدىكى نەرسە ئەمەس، ئومۇمەن تونۇش ئەسلەشتىن ئاسانراق، لېكىن بەزىدە تونۇشمۇ ئەسلەشتىن تەس بولۇپ قالىدۇ.