Uyghur主要词典
زايمىس
دۇنيا تارىخى
(1855 - 1936) گرېتسىيە زۇڭتۇڭى (1929 - 1935). ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. گېرمانىيە ۋە فرانسىيىدە قانۇن ئۆگەنگەن. لوندون، پارىژ ۋە بېرلىندىكى بانكا ساھەسىدىكىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى زىچ. كۆپ قېتىم دۆلەتلىك بانكىنىڭ دېرىكتورى بولغان. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىلگىرى - كېىن بولۇپ 10 قېتىم باش ۋەزىر بولغان، 1929-يىلدىن باشلاپ جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭى بولغان. 1935-يىلى 10-ئايدا، ئانارخىست فاشىستلارنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشىگە ياردەملىشىپ، پادىشاھلىق تۈزۈمىنى تىرىلدۈرگەن. ۋېنادا ئۆلگەن.