Uyghur主要词典
زاھىرىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدىكى قەدىمكى ئەھلى فىھقەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئېقىم <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىسنىڭ زاھىر مەنىسىنى ئەھكام چىقىرىشنىڭ ئاساسى قىلىشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. Ⅸ ئەسىردە ئىبنى ھەنبەلىنىڭ شاگىرتى داۋۇد بىننى خەلەف (816 - 884) بەرپا قىلغان. خۇراسان، مەغرىب ۋە ئىسپانىيىدە گۈللەنگەن. ھازىر مەۋجۇت ئەمەس. فىقھە ئىدىيە خاھىشىدا ھەدىسچىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىسنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن چۈشىنىشنى تەشەببۇس قىلدى. پىكىر، ئىجتىھاد، قىياس، تەپسىر، نەقىل قاتارلىق ھەر قانداق شەكىلدىكى ئىدراكقا سەل قارىدى. ئىنساننىڭ ئىدراكىي پائالىيەتلىرى خاتالىققا ئاسان ئېلىپ بارىدۇ، دېگەن يەكۈنگە ئىشەندى. لېكىن، بەزىدە ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ئۇسۇلىنى قوللاندى. يەكۈننىڭ <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىستە ئىما قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى. ساھابىلەرنىڭ ئىجمائىسىنى ئېتىراپ قىلدى، بۇ ئېقىمنىڭ فىقھە ئىدىيىسى <ئىجمائ خاتا بولمايدۇ> نەزەرىيىسىنى ئىنكار قىلىپ، <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىستىكى قاراشلارنى مۇستەقىل تەپسىر قىلىشتا چىڭ تۇردى. بۇ ئېقىم تارىختا كەڭ تەسىر كۆرسىتىپ، ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكىنىڭ دەسلەپكى چاغلاردىكى ئىدىيە مەنبەلىرىدىن بىرى بولدى. Ⅺ ئەسىردە ئىسپانىيىدە ياشىغان مەشھۇر فەقىھ ئىبنى ھەزىم بۇ ئېقىمنىڭ فىقھە ئىدىيسىنى ئاساس قىلىپ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغاندى. Ⅺ ئەسىردىن ⅢⅩ ئەسىرگىچە شىمالىي ئافرىقىدىكى مۇرابىت خاندانلىقى، شىمالىي ئافرىقا ۋە ئىسپانىيىدىكى ئەل مۇھادې خاندانلىقى بۇ ئېقىمنىڭ فىقھە ئىدىيىسىنى ئاساس قىلدى. ⅢⅩ ئەسىردىن ⅤⅪ ئەسىرگىچە ھەنبەلىيە مەزھىپىدىكى مەشھۇر فەقىھ ئىبنى تەيمىيە ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى ئىبنى قەييۇم بۇ ئېقىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. يېقىنقى زاماندىكى ۋەھھابىيلار ھەرىكىتى، مىسىر ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى سەلەفىيە ھەرىكىتىنىڭ ئىدىيە مەنبەسىمۇ مۇشۇ ئېقىمنىڭ ئەسلىيەتچىلىك ئەنئەنىسىدىن باشلاندى.