Uyghur主要词典
زاغ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قاغا؛ سېغىزغان:
جەھاننىڭ قۇشلاردا فەرق نېدۇر؟
ئانىڭدۇر زاغى بۇلبۇل، بۇلبۇلى زاغ.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قاغا، توڭ قاغا؛ سېغىزخان؛ كۆك؛ كۆك كۆز: زاغچە - قاغا بالىسى؛ سېغىزخان بالىسى؛ زاغ رەڭ - كۆك؛ زاغ سىياھ - قاغا، قارا قاغا؛ زاغى - قاغا؛ سېغىزخان؛ كۆك كۆز، كۆك؛ زاغۇ - زەغەن - قاغا - قۇزغۇن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۈكى قاپقارا ياكى ئالا - بۇلا كۆچمەنچى قۇش.
«زاغ» خوتەن دىئالېكتدا، «قۇز» قەشقەر شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
قاغا قاغىنىڭ كۆزىنى چوقۇماس. قاغا بالام ئاپئاق، كىرپە بالام يۇمشاق. قاغىلار قاق ئېتىدۇ، ئۆز كۆڭلىنى خۇش ئېتىدۇ. قاغا پۇتى خەت. ئەجىلى يەتكەن قۇزغۇن قارچىغا بىلەن ئوينىشار. قاغا - قۇزغۇنغا يەم بولماق. تاۋۇش بىلەن ئۇسسۇل ئوينىغاندا زاغ، كەكلىك قەھقەسىدىن ياڭراپ كەتتى باغ. سېخىينىڭ بېغىغا قۇز قونماس.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
قارغا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
يېزت قاغا.
دۈشمەن