Uyghur主要词典
ئىززەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىززەت، ھۆرمەت، ئىكرام؛ ئەزىزلىك:
خەيرۇ شەررۇ رىزقۇ ئۇمرۇ خارۇ ئىزەت جۈملەسى،
شەۋقى بىلسەڭ ھەقدىن ئۆزگە ھېچ رەھبەردىن ئەمەس.
شەۋقى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋنىڭ ئۇلۇغلۇقنى، پاكلىقنى چۈشىنىپ، ئۇنى ئالقىشلاش تۇيغۇسى.
ھۆرمەت چوڭ بايلىقتىنمۇ قىممەت. ئادەمنىڭ ھۆرمىتىمۇ، خورلۇقىمۇ ئۆزىدىن. ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم. ئەر قەدىرىنى ئەر بىلەر، زەر قەدىرىنى زەرگەر. ئادەمنىڭ بۆكىنىڭ قىممىتى بېشىنىڭ قىممىتىگە تەڭ كەلمەس. ئىنساننىڭ قەدىر - قىممىتى خالىس ئىش قىلىش بىلەن ئۆلچىنەر. ئېتىبارىڭ بولمىسا، زىبالىقىڭدىن نېمە پايدا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
باشقىلارغا قىلىنىدىغان ياكى باشقىلاردىن كۆرگەن، ئېرىشكەن ھۆرمەت؛ ئېھتىرام.
ئىززەت قىلماق. ئىززەت تاپماق.
جەمئىيەت تەرىپىدىن شەكىللەنگەن ئىناۋەت، ئابرۇي، نام - شەرەپ، شۆھرەت، پەخىر.
ۋەتەننىڭ ئىززىتى. ئىززىتىنى ساتماق.
ئەر - ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئىززەتخان، ئىززەتگۈل، ئىززەتقىز
قەدىرلىك، قەدىرلىمەك
ھۆرمەت، ئىكرام؛ قەدىر-قىممەت ئىگىسى.