Uyghur←Chinese主要词典
ئېزىنخاۋېرىزم
دۇنيا تارىخى
艾森豪威尔主义
ài sēn háo wēi ěr zhǔ yì
داللېس - ئېزىنخاۋېرىزم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1957 - يىل 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئېزىنخاۋېرنىڭ پارلامېنتقا سۇنغان ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى توغرىسىدىكى پەۋقۇلئاددە دوكلاتىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان تاجاۋۇزچىلىق پروگراممىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈپ، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كۈچى ئاجىزلاپ، ئەسلىدىكى مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىشقا ئامالسىز قېلىپ، بەزى رايونلاردىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبور بولغاچقا، <سىياسىي بوشلۇق رايونلار> بارلىققا كەلگەن. دوكلات ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى <بوشلۇق رايونلار> نى تولۇقلايدىغان پىلانىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمونى: پارلامېنت زۇڭتۇڭىغا ئوتتۇرا شەرقتە <ھەربىي ياردەم ۋە ھەمكارلىق پىلانى> نى يولغا قويۇش ھەمدە ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئامېرىكا قوراللىق قىسىملىرىنى ئىشلىتىپ، <كوممۇنىزم تاجاۋۇزچىلىقى> غا تاقابىل تۇرۇشىغا ھوقۇق بېرىش دېگەنلەردىن ئىبارەت. ئامېرىكا بۇ پىلاندىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرا شەرقنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تىزگىنلەشكە ئۇرۇنغان. كېيىنچە ئېزىخاۋېرىزم ئوتتۇرا شەرقتىن سىرتقى رايونلارغىمۇ تەتبىقلانغان.