Uyghur←Chinese主要词典
ئىز كۆرسىتىش تېخنىكىسى
بىئولوگىيە
示踪技术
shìzōngjìshù
رادىئو ئاكتىپلىق ئىزوتوپ تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ مەلۇم بىر مۇئەييەن ماددا (ياكى جانلىق ئىندىۋىد) نىڭ تەبىئەتتىكى ياكى جانلىق تېنىدىكى ھەرىكەت جەريانى، مېتابولىزم ئۇسۇلى، ئۆزگىرىش قانۇنىيەتلىرى ھەمدە تارقالغان ئورۇنلىرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلايدىغان بىر خىل تېخنىكا. ئۇ توغرا، تېز، سەزگۈرلۈك دەرىجىسى يۇقىرى بولۇشتەك، ھەمدە ئورنىنى بېكىتكلى بولۇش، فىزىئولوگىيىلىك شارائىتلارغا ئۇيغۇن كېلىش قاتارلىق ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولغانلىقتىن، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، مېدىتسىنا، بىئولوگىيە پەنلىرىنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىدا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلماقتا.