Uyghur主要词典
ئىزدەنمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ئىزدىمەك> پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى.
ئابلىز بۇ ھەقتە بىرەر چارە تېپىش ئۈچۈن ئىزدەنگەنىدى.
بىر ئاماللارنى قىلماق، چارە قىلىپ ئېرىشمەك.
ئانىنىڭ مىسكىن كۆزلىرىدە ئۈمىد ۋە كۈلكە پەيدا بولدى. ئۇ ئىزدىنىپ ئېشىنغان پۇلىغا ئوغلى ئۈچۈن چىرايلىق پوسما ۋە يېڭى كىيىملەرنى ئېلىپ بەردى.
بىرەر ئىشنى ياخشى ئىشلەش، ۋۇجۇدقا چىقىرىش ۋە ئۆگىنىش مەقسىتىدە ئىشتىياق بىلەن بېرىلمەك.
ئىزدىنىپ ئۆگەنمەك. كەسىپ ئۈستىدە ئىزدەنمەك.