Uyghur主要词典
ئىزا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئازار، ئازاب؛ رەنج، ئىزا:
بازىئى تىفلانە بولدۇم دەردى ھىجرىڭدە سېنىڭ،
تاش ئاتۇر ئارقامدىن، ئەيلەرگە ئىزا بىرلە جەفا.
موللا بىلال.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەمنىڭ ئۆز ئىززەت - ھۈرمىتىنى ساقلاش، قەدىرلەش تۇيغۇسى.
نومۇس مەسىلىسى - ئالاھىدە غۇرۇرلۇقنىڭ بەلگىسى. ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرەر، توشقاننى قومۇش. نومۇسىنى بىلمىگەن ئادەمدە گۈزەل ئەخلاق بولماس. ئېگىز تاغدا قار بولار، مەرد يىگىتتە ئار بولار. شەخسىيەتچىلىككە بېرىلگەن ئار - نومۇسىنى ئۇنتۇر. ئۇيات تۇرغان يەردە، ئىمان تۇرار. كېپەكتە قۇۋۋەت يوق، ئابدالدا ئۇيات. - كىشىدىن ھايات كەتسە، ئورنىغا بالا كېلەر. ھايا بار يەردە ۋاپا بار. قىزنىڭ كۆركى شەرم - ھايا. ئىزا ئۆلۈمدىن قاتتىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىل - ھاقارەتتىن خورلۇق تارتىش تۇيغۇسى.
ئىزا ئۆلۈمدىن قاتتىق. بىر ئاھانەتتىن يۈز تاياق ياخشى. يالغان ئېيتقان ئۆزى ئاھانەتكە قالار. ئازاب ئادەمنى خار قىلىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
خىجىللىق ۋە ئۇيىلىش تۇيغۇسى.
شەرەپ، شان، شان - شەرەپ، شۆھرەت، شەۋكەت
ئاتاق - ئابرۇي، پەخىر - ئىپتىخار.
ئىقتىسادچىللىق شەرەپ، ئىسراپچىلىق نومۇس. شەرەپ بىلەن غەلىبە - بىر تۇغقان قوشماق. بەيگىگە چۈشكەن ئات ئېگىسىگە يا شەرەپ كەلتۈرەر، يا ئىگىسىنى نومۇسقا قالدۇرار. ئالىيجاناب ئادەم شان - شەرەپنى جېنىدىن ئارتۇق بىلىدۇ. شۆھرەتكە بېرىلىش - ئەڭ رەزىل ھەۋەس. ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرەر، توشقاننى قومۇش. ئېگىز تاغدا قار بولار، مەرد يىگىتتە ئار. ئىزا ئۆلۈمدىن قاتتىق. شەخسىيەتچىلىككە بېرىلگەن ئار - نومۇسنى ئۇنتار.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئازاب
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۇيىلىش تۇيغۇسى؛ ئۇيات، خىجالەت، نومۇس.
ئىزا تارتماق. ئىزاغا قالماق.
ئىزا ئۆلۈمدىن قاتتىق (ماقال).