Uyghur←Chinese主要词典
ئىئوففې
دۇنيا تارىخى
约飞
yuē fēi
(1880 - 1960) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىلىق فىزىك. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پېتېربۇرگ سانائەت ئىنىستىتۇتىنى ۋە ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. پېتېربۇرگ ئۇنىۋېرسال تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1926 - يىلىدىن تارتىپ سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ كەلگەن. 1942 - يىلى سابىق سوۋېت كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) گە قاتناشقان. يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تەتقىقاتىغا ھەسسە قوشقان. دېئېلېكترىك فىزىكىسى، خرۇستال جىسىم دىنامىكىسى ۋە ئېلېكترشۇناسلىقنىڭ خاراكتېرىنى تەتقىق قىلىش جەھەتلەردىمۇ مۇئەييەن نەتىجە قازانغان.