Uyghur←Chinese主要词典
ئىئى نائوسۇكى
دۇنيا تارىخى
井伊直弼
jǐng yī zhí bì
(1815 - 1860) ياپونىيىنىڭ توكۇگاۋا شوگناتىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى تائىروسى. ھىكون (ھازىرقى شىگا ناھىيىسىدە) ۋاسساللىقنىڭ خوجىسى ئىئى نائوتادانىڭ 14 - ئوغلى. 1850 - يىلى ئاتىسىنىڭ مەنسىپىگە ۋارىسلىق قىلغاندا، بۇيرۇققا بىنائەن ئائىكاۋانى قوغداشقا مەسئۇل بولغان. 1854 - يىلى تائىرولىققا تەيىنلەنگەندىن كېيىن، دۆلەت ئىچىگە قارىتا ئانسېي ئىستىبداتلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، چەتكە قارىتا ئانسېي شەرتنامىسىنى ئىمزالاپ تىننونى قەدىرلەپ ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قاققۇچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. 1860 - يىلى 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئېدودىن شوگونلۇققا كېتىۋاتقاندا ساكۇرادا دەرۋازىسى سىرتىدا مىتو ۋە ساتسىموما ۋاسساللىقلىرىنىڭ سامۇرايلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. <ساكۇرادامان ئۆزگىرىشى> (樱母门) گە قاراڭ.