Uyghur←Chinese主要词典
ئىختىئولوگىيە
بىئولوگىيە
鱼类学
yúlèixué
زوئولوگىيىنىڭ بىر تارماق پېنى. بېلىقلارنىڭ مورفولوگىيىسى، بۆلۈنۈشى، فىزىئولوگىيىسى، ئېكولوگىيىسى، يەككە يېتىلىشى، سىستېمىلىق يېتىلىشى ۋە جۇغراپىيىلىك تارقىلىشى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىلىم - پەننىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىختىئولوگىيىنىڭ تەتقىق قىلىش دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىپ، نۇرغۇنلىغان تارماق پەنلەر شەكىللەندى. ئاساسلىقلىرى: (1) بېلىقلار مونولوگىيىسى، بېلىقلارنىڭ تاشقى شەكلى بىلەن ئىچكى تۈزۈلۈشىنى تەتقىق قىلىپ، ھەر قايسى قىسىملىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەمدە ئىقتىدارىنى چۈشەندۈرىدۇ، ھەر قايسى ئورگانلارنىڭ ئىپتىدائىي تىپى ھەمدە تەرەققىي قىلىش جەريانىنى ئانالىز قىلىپ، ئورگانلار سىستېمىسىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى شەرھلەيدۇ؛ (2) بېلىقلار تاكسونومىيىسى، ھەر خىل بېلىق تۈرلىرىنىڭ تاكسونومىيە سىستېمىسىدىكى ئورنى، ھەر خىل تۈركۈم ۋە ھەر خىل تۈر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ۋە ئالاھىدىلىكلىىرنى تەتقىق قىلىدۇ، بېلىقلارنى باھالاپ بېكىتىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى سىستېمىلىق ئۆزگىرىش، جۇغراپىيىلىك تارقىلىش ۋە رايون سىستېمىسىنىڭ تۈزۈلۈشى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ؛ (3) بېلىقلار ئېكولوگىيىسى، بېلىقلارنىڭ ياشاش ئۇسۇلى، ئادىتى، تاشقى مۇھىت شارائىتىغا ماسلىشىش دەرىجىسى ۋە بېلىقلارنىڭ ياشىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان تاشقى ئامىللار (مەسىلەن، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى، تۇز مىقدارى، ئوزۇقلۇق قاتارلىقلار) نى تەتقىق قىلىدۇ؛ (4) ئىقتىسادىي ئىتىئولوگىيە، ئاساسلىق ئىقتىسادىي بېلىقلارنىڭ بىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى، تاكسونومىيىلىك ئورنى، بېقىپ كۆپەيتىش ۋە تۇتۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ. كەڭ مەنىدىكى دائىرىدىن ئېيتقاندا ئىختىئولوگىيىنىڭ تارماقلىرى يەنە بېلىقلار فىزىئولوگىيىسى، بېلىقلار ئېمبرىئولوگىيىسى، تاش قاتما ئىختىئولوگىيىسى ۋە بېلىقلار بىئوخىمىيسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەبىئىي جۇغراپىيە,مائارىپ,ئۇنىۋېرسال
鱼类学
yú lèi xué