Uyghur主要词典
ئىختىيار
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەتكە كۆڭۈل بېرىش، خالاش تۇيغۇسى.
ياماننى ئىختىيارىغا قويساڭ، بۆككە چىچار. قۇلاقنى نەدىن چىقىرىش قازانچىنىڭ ئىختىيارى. ئېشەك ئۆزۈمنىڭ، ئىككى قۇلىقىنى تاقىلىساممۇ ئۆز ئەركىم. ئۇ مەلىدىن بۇ مەلىگە ئويناي دەپ كەلدىم، مەيلى بارمۇ، مەيلى يوقمۇ سىناي دەپ كەلدىم. ۋاقىت خاھىشىڭغا كۆنمىسە، سەن ۋاقىتنىڭ خاھىشىغا كۆن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۆزلۈكىدىن بولغان، زورلۇق تۈس ئالمىغان خاھىش، ئىستەك، ئەرك، مەيل.
كېلىش ئىختىيار بىلەن، كېتىش ئىجازەت بىلەن (ماقال).
پايدىلىنىش، تەسەررۇپ ياكى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى، تەسەررۇپ ياكى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى، ئىگىلىكى.
بۇ يەرلەر شەھەر ئىختىيارىدا، بولغان ئۆيلەر.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
تاللىماق، ئىلغىماق