Uyghur主要词典
ئىخشىدىيە سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مىسىر، غەربىي ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلار سۇلالىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ سۇلالىغا ئاساس سالغان مۇھەممەد بىننى توغىز (935 - يىلىدىن 956 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) فەرغانىيىلىك تۈرك بولۇپ، جەڭلەردىكى نەتىجىسى بىلەن ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ مىسىردىكى باش ۋالىسى بولغاندىن كېيىن، ئۆز ئالدىغا بولۇۋېلىپ، ئابباسىيلار سۇلالىسىغا نامدا بويسۇندى. خەلىپە ئۇنىڭغا 939 - يىلى ئىخشىد (قەدىمكى فەرغانە خانىنىڭ نامى) ئۇنۋانىنى بەردى. شۇڭا سۇلالە نامى ئىخشىدىيە سۇلالىسى دەپ ئاتالدى. بۇ سۇلالە گۈللەنگەن چاغلىرىدا مىسىر، سۈرىيە، پەلەستىن ۋە ھىجازلارنى ئىگىلىدى. 969 - يىلى فاتىمىيە سۇلالىسىنىڭ سانغۇنى جوھەر تەرىپىدىن يوقىتىلدى.