Uyghur主要词典
ئېۋەن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كەمچىللىك، كەمتۈكلۈك، يارىماس قىلىق، ئادەت.
بوينىدا ئىللىتى بارنىڭ تۇۋىقى سىرقىرار. ئىللەت تۈزەلمىسە، مىللەت تۈزەلمەس. ئۆز ئەيىبىنى بىلگەن باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئاچماس. ئاقارغان چاچ ئەيىپ ئەمەس. بىر ئېۋەننى يوشۇرساڭ، يەنە بىرى چىقار. پەرىشتىدىنمۇ بەش نۇقسان تېپىلار. قۇسۇر تېپىشقا ئۇرۇنما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كەم جاي، كەمچىلىك؛ نۇقسان؛ ئەيىب.
ئېۋەن قويماق. ئېۋەن تاپماق.
چىرايلىقنىڭمۇ بىر يېرىدە ئېۋەن بولىدۇ.
<ماشىن> دېتاللارنىڭ بەلگىلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن ياكى بەلگىلىمىگە توغرا كەلمەيدىغان يېتەرسىز تەرىپى، قىسمى.
ئېۋەن پىچىقى.