Uyghur←Chinese主要词典
ئېۋبېيە
دۇنيا تارىخى
优卑亚
yōu bēi yà
ئېگېي دېڭىزىدىكى ئەڭ چوڭ ئارال. قەدىمكى يۇناندىكى بىر رايونى. ئاتېنا (ئافىنا) بېئونىيە ۋە لوكرىسنىڭ شەقىدە بولۇپ، ئارىلىقىنى سۇ توراپ تۇرغانلىقتىن ئېۋبېىيە دېڭىزى ياكى ئېۋرىيوس دەپ ئاتالغان. شىمالىي تېسالىيىنىڭ شەرقىي - جەنۇب قىسمىغا تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 180 كىلومېتىر، ئەڭ كەڭ يېرى تەخمىنەن 65 كىلومېتىر، ئەڭ تار يېرى 6 كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆلىمى 3654 كۋادرات كىلومېتىر. چېگرىسى ئىچىدىكى ئوترىس تېغى دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن 2195 مېتىر كېلىدۇ. گومېرنىنڭ تارىخىي داستانلىرىدا يىراق قەدىمكى زاماندىكى ئاھالىسى ئابانتېلار دېيىلگە. بۇلار تراكىيىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. كېيىن بىر بۆلەك ئېئونىيىلىكلەر كۆچۈپ كىرىپ (ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)، ئاساسەن ئوتتۇرا قىسمىدا ئولتۇراقلىشىپ، ئافېنالىقلار بىلەن قويۇق ئالاقەدە بولغان. شىمالدىدا ھىستايلار ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، بۇ يەر ھىستىيە دەپ ئاتالغان. ئەڭ مەشھۇر شەھىرى غەربىي قىرغىقىدىكى كەلكىس ۋە ئېرېترىيە بولۇپ، ھەر ئىككىسى ئافىنانىڭ مۇستەملىكىسىدىن ئىبارەت. ئالدىنقىسى كالكىدىس يېرىم ئارىلى (ئېگېي دېڭىزىنىڭ شىمالى) ۋەئىتالىيىدە (كوما) دا، كېيىنكىسى ماكېدونىيە ۋە ئىتالىيدە بولۇپ، مۇستەملىكىچىلىك بىلەن كەڭ كۆلەمدە شۇغۇللانغان. ئۇلارنىڭ پورتلىرى ياخشى بولۇپ، دېڭىز سودىسىنى راۋاجلاندۇرۇشقا باب كېلەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە داۋاملىق ھالدا ئېۋبېيىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تالاشقان. ئېرېترىيە كىچىك ئاسىيادىكى مىلېت قاتارلىق شەھەرلىرىنىڭ پېرسىيىگە قارشى قوزغىلىڭىنى قوللىغانلىقتىن، مىلادىدىن 490 يىل ئىلگىرى پېرسىيە قوشۇنى يۇنانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ (مارافون جېڭىدىن بۇرۇن) ئۇنىڭ شەھىرىنى ۋەيران قىلىپ، كۆپلىگەن ئاھالىسىنى قۇل قىلىپ ساتقان. يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن ئېۋبېيە ئارىلى ئافىناغا بېقىندى بولۇپ قالغان، ئافىنانىڭ زوراۋانلىق سىياسىتىگە قارشى تۇرغانلىقتىن، پېرىكلى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان (مىلادىدىن 445 يىل ئىلگىرى). ئېۋبېيە دېھقانچىلىق قىلىش ۋە چارۋا بېقىشقا قولاي بولۇپ، بۇ يەردىن ئۈزۈم، زەيتۇن كۆپ چىققاچقا، يۇنان ئىقتىسادىي تۇرمۇشىغا خېلى تەسىر كۆرسەتكەن (ئۇنىڭ كۈمۈش پۇلىنىڭ سېلىشتۇرما قىممىتى ئېگىنادىن يۇقىرى بولغان)، ئۇنىڭ ئۆلچەم تۈزۈمى ئىئونىيە رايونىغا كەڭ تارقالغان بولسىمۇ، سىياسىي جەھەتتە تەسىرى زور بولمىغان. مىلادىدىن 338 - 164 يىلى ئىلگىرىكى يىللىرى ماكىدونىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. كېيىن رىمغا قوشۇۋېتىلىپ <ئاكاييا ئۆلكىسى> نىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇلغان. ھازىر گرېتسىيىگە تەۋە بولۇپ، ئېۋوئىيە ئارىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.