Uyghur←Chinese主要词典
ئۇزۇن مىلتىقلىقلار پارتىيىسى
领域: دۇنيا تارىخى长枪会党
cháng qiāng huì dǎng
ئىسپانىيىدىكى فاشىستىك پارتىيە. 1933 - يىلى 10 - ئايدا ئىلگىرىكى مۇستەبىت رىۋېرانىڭ ئوغلى جوس ئاندونيو (1903 - 1936) قۇرغان. 1934 - يىى 2 - ئايدا يەنە بىر فاشىستىك تەشكىلات جونس (مەملىكەتلىك سىندىكالىستلارنىڭ جونتاسقا يۈرۈش قىلىشىنىڭ قىسقارتىلمىسى) بىلەن بىرلىشىپ، 11 - ئايدا پروگراممىسىنى (<26 ماددا>) ئوتتۇرىغا قويغان. 1936 - يىلى 7 - ئايدا جۇمھۇرىيەتچىلەر ھۆكۈمىتىگە قارشى توپىلاڭغا قاتناشقان. 1937 - يىلى 4 - ئايدا يەنە ئۆزلىرىنى ئەنئەنىچىلەردىن كارلوسچىلار ۋە پادىشاھپەرەسلەر دەپ ئاتىۋالغانلار بىلەن بىرلىشىپ، نامىنى <ئىسپانىيە ئەنئەنىزمچى جونس ئۇزۇن مىلتىقلىقلار پارتىيىسى> گە ئۆزگەرتكەن. فرانكو كاتتىباش بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئىسپانىيىدىكى بىردىنبىر <قانۇنلۇق> پارتىيە بولۇپ قالغادن. ئۇلار ماركسىزمغا قارشى تۇرۇپ، ئىسپانىيىدە ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قالىدىغان بىرلەشكەن بۈيۈك ئىمپېرىيە قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. كاتولىك دىنىي كۈچلىرىنى قايتا رەتكە سېلىپ، چوڭ پومېشچىك، بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىنى ھىمايە قىلغان. خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتى تەسىس قىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، كۈندىن - كۈنگە زەئىپلەشكەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。