ئۇزۇندىن-ئۇزۇن[يەشمىسى:] ① بويىغا قاراپ بەك سوزۇلغان، ناھايىتى ئۇزۇن:[مىسال:] چوڭ قوشۇن ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سەپ تارتىپ، قارلىق تاغقا قاراپ راۋان بولدى.[يەشمىسى:] ② ئۇزۇن داۋام قىلىدىغان، خېلى ۋاقىت:[مىسال:] موماي يەنە ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلدى.