Uyghur←Chinese主要词典
ئۇزۇن بىلەكلىك مايمۇن
بىئولوگىيە
长臂猿
chángbìyuán
<گلوبات> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئېمىتكۈچىلەر سىنىپىنىڭ پرىماتلار ئەترىتى، ئۇزۇن بىلەكلىك مايمۇنلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئالدى پۇتى ناھايىتى ئۇزۇن، ئۆرە تۇرۇپ ساڭگىلاتقاندا ئوشۇقىغا يېتىدۇ، شۇڭا شۇنداق ئاتالغان. قول بارماقلىرى پۇت بارماقلىرىدىن ئۇزۇن، كىچىك بىر پارچە ساغرا قاداقچىسى بار. قۇيرۇقى رۇدىمېنتلاشقان. قوۋۇز خالتىسى يوق. بەدەن شەكلى كىچىكرەك بولۇپ، بىر مېتىردىن تۆۋەن بولىدۇ. ئېغىرلىقى 10 كىلوگرامدىن ئاشمايدۇ. بېشى كىچىك، باش سۆڭىكى تۇخۇمدەك يۇمىلاق، يۈزى ياپىلاق، كۆزى چوڭ. كۈرەك چىشى ئوتتۇراھال، قوزۇق چىشى ھىڭگاڭ چىشتەك ئۇزۇن، ئېزىق چىشى ئوتتۇراھال. ئورمانلاردا دەرەختىن - دەرەخكە ئۆتۈپ ياشايدۇ. ھەرىكىتى چاققان. ئۇزۇن بىلىكى ئارقىلىق شاخلارغا ئېسىلىپ كۈچ بىلەن پۇلاڭلاپ تۇرۇپ يىراق شاخلارنى كۆزلەپ سەكرەيدۇ. پەقەتلا كەتكۈزۈپ قويمايدۇ. يەرگە ئاسان چۈشمەيدۇ. يەردە ئىككى ئايىغى بىلەن ماڭالايدۇ، توپلىشىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئارىلاش ئوزۇقلىنىدۇ. ئادەتتە مېۋە، يۇمران بىخ، ھاشارات، قۇش تۇخۇمى قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. يىلدا بىر نۆۋەت، ھەر نۆۋەتتە بىردىن تۇغىدۇ. بوغازلىق مەزگىلى 7 - 8 ئاي، 30 ياشقىچە ياشايدۇ. شەرقىي جەنۇبى ئاسىيانىڭ تروپىك بەلباغ ۋە سۇبتروپىك بەلباغ رايونىدىكى بىرما، ۋېيتنام، مالايشىيا، ھىندىستان قاتارلىق جايلارنىڭ ئورمانلىقلىرىغا تارقالغان. جەمئىي 12 - 13 تۈر. مەملىكىتىمىزنىڭ جەنۇبىي جۇڭگو ۋە غەربىي جەنۇبىي جۇڭگو رايونلىرىدا ئۈچ تۈرى، يەنى ئاق ئالىقانلىق گلوبات، قارا گلوبات ۋە ئاق قاشلىق گلوبات (ۋارقىرىغان مايمۇن) لار ياشايدۇ. ئۇلار ئۈنلۈك ۋارقىراشنى ياخشى كۆرىدۇ، بولۇپمۇ تاڭ سەھەردە ۋە گۇگۇم ۋاقىتلىرىد شۇنداق بولۇپ، ئاۋازى نەچچە يول يىراقلىققا يېتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى قورقۇنچاق، سوغۇقتىن قورقىدۇ. ھايۋاناتلار باغچىلىرىدا كۆرگەزمە قىلىشقا ۋە ئادەمسىمان مايمۇن تەتقىقاتىغا پايدىلىنىشقا بولىدۇ. ئاق قاشلىق گلوبات (ئۇزۇن بېلەكلىك مايمۇن) نىڭ سۆڭىكىنى دورا قىلىشقا بولىدۇ. ھازىر مەملىكىتىمىزدىكى سانى ئازىيىپ ئۇرۇقى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا كېلىپ قالماقتا. شۇنى كۆزدە تۇتۇپ، 1980 - يىلى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى باۋاڭلىڭ تېغىدا تەبىئىي قوغداش رايونى قۇرۇلدى.