Uyghur主要词典
ئۇزۇن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ۋاقىت ۋە ئارىلىق قىسقا ئەمەس. <ئۇزاق> ۋاقىتنى، <ئۇزۇن> ئارىلىقنى كۆرسىتەتتى، ھازىر ئارىلاش قوللىنىلىۋاتىدۇ.
غېمى يوقنىڭ ئۇيقۇسى ئۇزاق. ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولسا، سالماڭ ئۇزۇن بولىدۇ. ئۇزۇن سۆز - شالاڭ بۆز.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
زامان ۋە ماكاننىڭ ئىككى ئۇچىنىڭ ئارىلىقى چوڭ. <ئۇزاق> كۆپرەك زامانغا قارىتىلىدۇ.
قىسقا، كالتە، كوتا
زامان ۋە ماكاننىڭ ئىككى ئۇچىنىڭ ئارىلىقى كىچىك.
تۆمۈرنى قىسقا كەس، ياغاچنى ئۇزۇن. ئۇزۇن سۆز شالاڭ مايسا. يولسىزنىڭ تىلى قىسقا. باتۇرنىڭ ئۆمرى قىسقا، داڭقى ئۇزۇن. گەپنىڭ قىسقىسى ياخشى، كۆسەينىڭ ئۇزۇنى. يازدا ئالتە چاپان ئاپتۇ، قىشتا كالتە چاپان. ئۇيقۇسى ئۇزاقنىڭ ئۆمرى كوتا.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۇزۇن.
1 - 105
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بويغا، ئالدىغا قاراپ سوزۇلغان؛ ئارىلىقى، مۇساپىسى يىراق.
ئۇزۇن يول. ئۇزۇن چاچ. ئۇزۇن مىخ. ئۇزۇن كۆڭلەك.
ئۇزاق داۋام قىلىنىدىغان، كۆپ ۋاقىت كېتىدىغان، ئۇزاق؛ مەزمۇنى، دائىرىسى كەڭ.
ئۇزۇن ماقالە. ئۇزۇن گەپ.
ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەي، ئۇ ئايال يەنە كەلدى.