Uyghur←Chinese主要词典
ئۇزاق ۋاقىتلىق خاتىرە
مائارىپ
长时记忆
cháng shí jì yì
پسىخولوگىيە
长时记忆
cháng shí jì yì
بۇ خاتىرە ماتېرىيالىنىڭ بىر مىنۇتتىن يۇقىرى بەلكى بىر قانچە سائەت، بىر قانچە كۈن، بىر قانچە ئاي، بىر قانچە يىل ساقلىنىدىغان، ھەتتا ئۆمۈر بويى ئۇنتۇلمايدىغان خاتىرىدىن ئىبارەت. ئۇچۇر مەنبەسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇزاق ۋاقىتلىق خاتىرە قىسقا ۋاقىتلىق خاتىرىنىڭ پىششىقلاپ ئىشلىنىشنىڭ نەتىجىسى. لېكىن بەزى بىر ئۇزاق ۋاقىتلىق خاتىرىلەر تەسىرنىڭ چوڭقۇرلۇقى سەۋەبىدىن بىر قېتىمدىلا شەكىللىنىپمۇ قالىدۇ. ئۇزاق ۋاقىتلىق خاتىرىنىڭ سانلىق مىقدارى بەك چوڭ، چەكسىز دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىر كىشىنىڭ ئۇزاق ۋاقىتلىق خاتىرىسى دۇنيادىكى بارلىق بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالالايدۇ. بەزىلەرنىڭ مۆلچەرلەپ كۆرىشىچە ئۇنىڭ مىقدارى ئون تىرلىيات بىرلىك مىقدارىدىن جىق ئىكەن.
ئۇزاق ۋاقىتلىق خاتىرىنىڭ ئاساسىي شەرتى تەكرارلاش. ئۇزاق ۋاقىتلىق خاتىرىدىكى نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرلار مەنىلىك ھالدا رەتلەنگەن بولىدۇ، يەنى مەنىسى بويىچە رەتلىنىپ، تۈرلىنىپ ساقلىنىدۇ ۋە ئېلىنىدۇ. دېمەك، ئۇزاق ۋاقىتلىق خاتىرە بىر تەشكىللەش، قۇرۇش جەريانى. بۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى (بولۇپمۇ تىل ماتېرىياللىرى خاتىرىسى) ئۇچۇرلارنىڭ مەنىسىنى ئەستە قالدۇرۇش بولۇپ، باغلىنىشسىز بىرلىكلەرنى مەسىلەن، سۆز - ئىبارىلەر ۋە سان قاتارلىقلارنى مېخانىك ھالدا ئەستە قالدۇرۇش ئەمەس. كىشىنىڭ ئۇزاق ۋاقىتلىق خاتىرىسىنىڭ تولىسى تىل ئارقىلىق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن، ساقلانغان، بارلىق بىلىملەر سىستېمىلىق، تەشكىللىك بىر پۈتۈنلۈكتىن ئىبارەت بولغان بولىدۇ. ئەنە شۇنداق بولغاندىلا كىشىلەر خىلمۇخىل، نۇرغۇن خاتىرە ماتېرىياللىرى ئىچىدىن ئۆزىگە كېرەكلىك بىلىمنى دەرھال ئايرىپ ئالالايدۇ. ئۇزاق ۋاقىتلىق خاتىرە ئىلگىرى ئېرىشىلگەن بىلىملەرگە تايىنىدۇ. ئەستە قالدۇرۇلىدىغان ماتېرىيال ئىلگىرى ساقلانغان بىلىملەر بىلەن قانچە كۆپ باغلانسا، كېيىن شۇنچە ئاسان يادىغا كېلىدىغان بولىدۇ.
ئۇزاق ۋاقىتلىق خاتىرىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك مېخانىزمى ئەڭ قىسقا ۋاقىتلىق خاتىرە ۋە قىسقا ۋاقىتلىق خاتىرىلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇ نېرۋا ھۈجەيرىسىنىڭ پائالىيىتىدىكى ئىز ئەمەس، بەلكى نېرۋا توقۇلمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى ئىز، نېرۋا توقۇلمىسى قۇرۇلۇشىدىكى بىر خىل مەڭگۈلۈك ئۆزگىرىش. بۇ خىل ئۆزگىرىش نېرۋا ھۈجەيرىسىدىكى پەيدا بولغان ئالاھىدە بىئوخىمىيىلىك ئۆزگىرىش. ئالدى بىلەن ئۇ يادرو كىسلاتاسى مالىكۇلىسى قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى. ئۇنىڭدىكى ئوكسىدسىزلانغان يادرو كىسلاتاسى (DNA ) بولسا، گىنىئولوگىيىلىك تۆرەلمىنىڭ ئېرسىيەتلىك خاتىرە توشۇغۇچىسى ھېسابلىنىدۇ؛ يادرو كىسلاتاسى (RNA ) بولسا، ئىندىۋىدۇئال تۆرەلمىنىڭ خاتىرە ماددىسى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزاق ۋاقىتلىق خاتىرىنى ئۇنتۇشنىڭ فىزىئولوگىيىلىك مېخانىزمى ئىزنىڭ ئۆچۈشى (يوقىلىشى) ئەمەس، بەلكى ئاساسەن ئالدى تورمۇز ۋە ئارقا تورمۇز كاشىلىسىدىن يۈز بېرىدۇ.