Uyghur主要词典
ئۇخلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇخلاق ھالەتتە بولماق.
يەتتە ئۇخلاپ، چۈشۈمگە كىرمىگەن. ئېقىن سۇ ئۇخلار، دۈشمەن ئۇخلىماس. ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۇخلاپ، خەق ئۈچۈن چۈش كۆرمە. كۆز ئۇيقۇرغا كېتەر بولسا، قىلىچ كار قىلماس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئۇيقۇ ھالىتىدە بولماق، ئۇيقۇغا كىرمەك.
ھۇرۇن ئولتۇرۇپ ئۇخلايدۇ، يېتىپ ئىشلەيدۇ (ماقال).
مۈشۈك ئۇخلىسا، چۈشىدە چاشقان كۆرەر (ماقال).
كۆچمە. قىستا ھەرىكەتسىز ھالەتكە چۈشمەك (دەل - دەرەخ ھەققىدە).
ئۆسۈملۈكلەرمۇ ھايۋانلارغا ئوخشاش قىشلىرى ئۇخلايدۇ.
كۆچمە. خەۋەرسىز قالماق، غاپىل بولماق.
يېنىمىزدا مۇشۇنداق مۇھىم ئىشلار بولۇۋاتقان تۇرۇقلۇق، بىز ئۇخلاپ يۈرۈپتىمىز.