Uyghur主要词典
ئۇۋۇلىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بەدەننى ياكى ئۇنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى قول بىلەن بېسىپ سىلىماق، مۇجىماق، ئىشقىلىماق.
مېھرىبان ئاۋۋال بالىنىڭ يانپىشىنى بارماقلىرى بىلەن خېلىغىچە يۇمشاق ئۇۋۇلىدى.
<تېب> قول بىلەن بەدەننى بېسىپ، سىلاپ، مۇجۇپ ياكى سىلكىپ قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرماق، تېرە ۋە نىرۋىلارنىڭ سەزگۈرلۈك ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرمەك.
قول ئالىقانلىرى بىلەن قاتتىق بېسپ سۈركەپ ئېزىپ دانىمۇ دانە قىلماق، ئۇۋىماق، ئەزمەك.
سادىق ئېتىزنىڭ توپىسىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ ئۇۋىلاپ كۆردى، تۇپراقتىن چىمدىپ ئېلىپ تىلى بىلەن تېتىپ باقتى.