Uyghur主要词典
ئۇۋەيشىيە پىرقىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىنجاڭدا بۇرۇن ئۆتكەن تەسەۋۋۇپچى يەرلىك پىرقە بولۇپ، بۇنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سايراملىق تاجىك شەيخ مۇھەممەد شېرىپ قۇرغان، ئىككىنچى ئىمام مۇھەممەد ۋەلى سوپىغىچە كېلىپ،16 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرلىرى يەكەن، قەشقەر، يېڭىساردا ئومۇملاشقان ئاساسلىق تەسەۋۋۇپچى پىرقە بولغان. بولۇپمۇ ئەينى چاغدىكى يەكەن خانلىقىنىڭ يۇقىرى تەبىقىسىدە خېلى كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بولغان. ئىككى ئەۋلاد ئىمام يەكەن خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى ئابدۇرېشىتخان ۋە ئابدۇكەرىم خانغا دىنىي ئۇستاز بولغان. 17 - ئەسىردە نەقشبەندىيەدە پىرقىسىدىكى ئىسھاقىيە (قارا تاغلىقلار) بۇنىڭ ئورنىنى ئالغان.