Uyghur主要词典
ئۇتتى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۇتتى.
ئول ئانى ئۇتتى _ ئۇ ئۇنى ئۇتتى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق ( ئۇتار _ ئۇتماق). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
قىش ياي بىلە توقۇشتى
قىڭىر كۆزۈن باقىشتى
تۇتۇشقالى ياقىشتى
ئۇتغالىمات ئوغراشۇر
قىش ياز بىلەن توقۇنۇشتى،
قىڭغىر كۆز بىلەن قاراشتى،
تۇتۇشقىلى يېقىنلاشتى،
(بىر - بىرىنى) ئۇتماقچى بولۇۋاتىدۇ.
قىش بىلەن ياز بىر - بىرى بىلەن ئۆچەكشىپ سوقۇشقىلى تۇردى، بىر - بىرىگە يامان كۆز بىلەن قاراشتى، بىر - بىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن يېقىنلاشتى،بىر - بىرىنى ئۇتۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.
1 - 230