Uyghur主要词典
ئۇتماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۈستۈنلۈك قازانماق.
يەڭگەن سۇلتان، يېڭىلگەن ئۇلتاڭ. بىلىكى كۈچلۈك بىرنى يېڭەر، بىلىمى كۈچلۈك مىڭنى. يېڭىلگەن مەن، يەڭگەن سەن ئەمەس. يېڭى ئۇتار، كونا ئۆلەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
كۈچ سىنىشىش ، مۇسابىقە، ئويۇن قاتارلىقلاردا بەسلەشكۈچى قارشى تەرەپتىن ئۈستۈن كەلمەك .
شۇ كۈنى مەن بار كۈچۈم بىلەن غەيرەت قىلىپ ئىلىچاقتىن ئون نەچچە قەدەم بۇرۇن پەللىگە يىتىپ ئون سامسا ئۇتۇۋالدىم .
ئۆزىگە قارىتۋالماق .
كەپتىرىم كۆرۈنمەيدۇ، كەپتەرۋاز تۇتۇۋالدى . غۇنچە بويلۇق قارا كۆز كۆڭلۈمنى ئۇتۇۋالدى .
كۆچمە. تېجەپ قالماق ، ئىقتىساد قىلماق .
شۇ بويىچە رېمونت قىلىنسا، ۋاقىتتىنمۇ، كۈچتىنمۇ ئۇتىمىز .
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئۇتماق، يەڭمەك، قازانماق
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئارقىسىغا چۈشمەك، ئىزىغا چۈشمەك، پېيىگە چۈشمەك