Uyghur主要词典
ئۇسلۇب
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئادەت، رەۋىش؛ يول، ئىستىل، ئۇسۇل.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئاتالغۇلارنىڭ « ئىستىل ۋە ئۇسلۇب » ئىزاھىغا قاراڭ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
رەۋىش، يول، قەرز، ئىستىل، سېستىما.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر دەۋر، بىر ئېقىم، بىر شەخسنىڭ ئەدەبىي ئەسىرىدە ئىپادىلەنگەن ئاساسىي ئىدىيىۋى ۋە بەدىئىي خۇسۇسىيىتى، ئالاھىدىلىكى.
يازغۇچىنىڭ مۇستەقىل ئىستىلىنىڭ شەكىللىنىشى ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە پىشىپ يېتىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يازغۇچى - شائىرلىرىمىز تىرىشىپ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب يارىتىشى لازىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر دەۋر، مىللەت، ئېقىم ياكى بىرەر شەخسنىڭ بەدىئىي ئەسەردە ئىپادىلەنگەن ئاساسلىق ئىدىيىۋى ئالاھىدىلىكى ۋە سەنئەت ئالاھىدىلىكى؛ ئىستىلى.
مىللىي ئۇسلۇب. ئەرەب ئۇسلۇبىدا سېلىنغان قۇرۇلۇشلار.
<ئەد> يازغۇچىنىڭ تىل ۋاسىتىلرىدىن پايدىلىنىشتىكى ئۆزىگە خاس يولى، ئۇسۇلى.
بەزى مۇھەررىرلەر ئەسەرنى قىزىل قەلىمى بىلەن باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرتىپ چىقىدۇ. ئاپتورنىڭ ئۇسلۇبىغا ھۆرمەت قىلمايدۇ.