Uyghur主要词典
ئۇششۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يوقىلاڭ تۆھمەت بىلەن كىشىگە يولسىز چاپلىشىۋالىدىغان، غەرەز ئۇقمايدىغان.
<بىشەم> كۆپرەك ئاياللارغا قارىتىلىدۇ.
<ئىستارە>، <بەتكەردە> خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
باتۇر ئاڭقاۋ كېلىدۇ. پالۋان ئۆكتەم. بىشەم خوتۇن بەش كۈنلۈك، بېزەڭ يولداش بىر كۈنلۈك. ئۇششۇق ئۇشتۇمتۇتلا ئېسىلىدۇ. مۇتتەھەم كىمنىڭ ئېشىنى يېسە، شۇنىڭ بېشىنى يەيدۇ. قەلەم بىچارە، موللا ئىستارە. بەتكەردىدىن يىراق بول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئۆكتەم، جېدەلخور، كۆكەرمە.
ئۇششۇق ئادەم ئالۋاستىدىن يامان (ماقال).