Uyghur←Chinese主要词典
ئۇششاق بۇرژۇئا سوتسىيالىزمى
领域: دۇنيا تارىخى小资产阶级社会主义
xiǎo zī chǎn jiē jí shè huì zhǔ yì
ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مەيدانغا كەلگەن بىر خىل ئۇششاق بۇرژۇئا ئىسلاھاتچىلىق پىكىر ئېقىمى. شۋېتسارىيىدىكى شىموندى، فرانسىيىدىكى پرۇدون ۋە لۇئى بىلان قاتارلىق كىشىلەر ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەكىلى. شۇ چاغدا، كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇششاق بۇرژۇئازىيە تەركىبىدىكى كىشىلەر ھەمىشە رىقابەت تۈپەيلىدىن پرولېتارىيات قوشۇنغا قوشۇلۇپ تۇراتتى ھەمدە يىرىك سانائەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەينى چاغدىكى جەمئىيەتنىڭ مۇستەقىل قىمسى بولغانلىق ئورنىدىن مەھرۇم بولىدىغانلىقىنى سەزگەنىدى. ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرى كاپىتالىستىك تۈزۈمنى ئۇششاق بۇرژۇئازىيىگە خاس ئۆلچەم بىلەن تەنقىد قىلىپ، كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىدىكى زىددىيەتلەرنى تولۇق تەھلىل قىلغان ۋە كاپىتالىستىك ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ مۇقەررەرلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەنىدى. لېكىن ئۇششاق بۇرژۇئازىيىنىڭ مەيدانىنى ئاساس قىلىپ پرولېتارىيات بىلەن بۇرژۇئازىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى بۇرژۇئازىيە ھۆكۈمىتى ئارقىلىق <تەڭشەش> نى مۇراجىئەت قىلغان. كاپىتالىستىك يىرىك ئىشلەپچىقىرىشقا قارشى تۇرغانىدى. ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكىنى ۋە قول سانائەت ئىگىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇششاق خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى مەڭگۈ ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنغان، كاپىتالىسىك يىرىك سانائەتنىڭ ئورنىغا ئۇششاق ئىشلەپچىقىرىش ئىگىلىكىنى دەسسىتىپ، ئەمگەكچىلەرنى ئۇششاق خۇسۇسىي مۈلۈكدارلارغا ئايلاندۇرغاندىلا، كاپىتالىزمنى تىنچ يول بىلەن ئۆزگەرتىپ، <سوتسىيالىزم> نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ دەپ ھېسابلىغان. بۇ خىل پىكىر ئېقىمى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، خام خىيال ئىدى.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。