Uyghur主要词典
ئۇشبۇ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
شۇ، بۇ، مەزكۇر:
مۇلكۇڭ ئون سەككىز مىڭدىن ئۇشبۇ ئالەم بىر كېلىپ،
ئول بىر ئۆيلۈك قۇل ساڭا ئادەم ئاتا، ھەۋۋا ئانا.
شەۋقى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆرسىتىش ئالماشلىرى. سۆزلىگۈچىنىڭ ئۆزى كۆرۈپ تۇرغان ياكى ئۇنىڭدىن خەۋەردار بولغان نەرسىلەر ھەققىدە ئېيتىلىدۇ.
«مەزكۇر» دىن باشقىلىرى كۆپلۈك قوشۇمچىسىنى ئالىدۇ.
بۇ كىتاب مېنىڭ. مۇشۇ كۈنلەردە نەدە يۈرۈسەن. مۇنۇنى ئال. مانا مۇشۇ چاپان چىرايلىق ئىكەن. ئۇشبۇ خەت ئاكام توختىغا تەگسۇن. مەزكۇر پىلاننى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئالماش
مانا شۇ، مەزكۇر.
ئۇشبۇ خەت كېرىيە ناھىيىسىنىڭ قالۇق ئۆستەڭ بويىدىكى ئىمىن قادىرگە تېگىدۇ.