Uyghur主要词典
ئۇرۇشدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۇرۇشتى.
ئانىڭ بىرلە ئۇرۇشدى _ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشتى. بەگلەر ۋە باشقىلار بىر - بىرى بىلەن ئۇرۇشقاندىمۇ مۇشۇ سۆز ئىشلىتىلىدۇ. ( ئۇرۇشۇر _ ئۇرۇشماق). ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئالپلار بىرلە ئۇرۇشما بەگلەر بىرلە تۇرۇشما _ باتۇرلار بىلەن ئۇرۇشما. بەگلەر بىلەن تىركەشمە. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئەرەن ئالپى ئوقىشتىلار
قىڭىر كۆزۈن باقىشتىلار
قامۇغ تولمۇن توقۇشتىلار
قىلىچ قىنقا كۈچۈن سىغدى
باتۇر ئەرلەر (بىر - بىرىنى جەڭگە) قىچقىرىشتى،
قىڭغىر كۆز بىلەن قاراشتى،
ھەممە قورال بىلەن توقۇنۇشتى،
قىلىچ قىنغا تەستە سىغدى.
يىگىتلەر بىر - بىرىنى جەڭگە چاقىرىشتى، قىڭغىر كۆزلىرى بىلەن قاراپ ھومىيىشتى، ھەممە قوراللىرىنى ئىشقا سېلىپ ئۇرۇشتى، قىلىچلىرى قاننىڭ كۆپ ئۇيۇپ كەتكەنلىكىدىن قىنغا تەستە سىغدى.
1 - 246