Uyghur←Chinese主要词典
ئۇرۇقلۇق باكتېرىيىنى ساقلاش
领域: بىئولوگىيە菌种保藏法
jūnzhǒngbǎocángfǎ
مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئۇرۇقىنى (باكتېرىيە تۈپىنى) ساقلاش ئۇسۇلى. بۇنىڭ ئاساسلىق تەلىپى؛ ساقلانغان ئۇرۇقلۇق باكتېرىيە ئۆلۈپ قالماسلىقى، بۇلغانماسلىقى، ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى كېرەك. دائىم ئىشلىتىدىغان ئۇسۇللاردىن ئادەتتىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ساقلاش، قۇم تۇپراقتا ساقلاش، مىنېرال مايدا ساقلاش، ۋاكۇئۇم بوشلۇقتا توڭلىتىپ قۇرۇتۇپ ساقلاش قاتارلىقلار بار. مەيلى قايسى خىل ئۇسۇلدا ساقلاش بولمىسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پرىنسىپى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا تىزگىنلەش، قۇرۇتۇش ياكى ھاۋادىن ئايرىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل شەرت ئارقىلىق ساقلاۋاتقان ئۇرۇقلۇق باكتېرىيىنىڭ مېتابولىزم ئاكتىپچانلىقىنى مۇمكىنقەدەر تۆۋەنلىتىپ، ھاياتلىق پائالىيىتىنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىدە ساقلاش. ئۇخلاش باسقۇچى بولغان باكتېرىيە تۈپلىرىنىڭ ئۇخلاش نەتىجىسى (مەسىلەن، سپورىسى) ئۇرۇقلۇق باكتېرىيىنى ساقلاش ماتېرىيالى قىلىنسا ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。