Uyghur主要词典
ئۇرۇقداش
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<تارىخ> ئىپتىدائىي جەمئىيەتتتىكى قانداشلىق مۇناسىۋىتى بويىچە بىرلەشكەن كىشىلەر كوللېكتىپى. ئۇنىڭدا ئۆزئارا نىكاھلىنىش قاتتىق مەنئى قىلىنغان. ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ئومۇمنىڭ ئىگدارچىلىقىدا بولۇپ، مەھسۇلات كوللېكتىپ ئىشلەپچىقىرىلىپ، كوللېكتىپ ئىستېمال قىلغان.
<بىئول> بىر ئائىلىدىكى جانلىقلارنىڭ ئۆزئارا ئوخشاشلىق دەرىجىسى بويىچە ئايرىلغان گۇرۇپپىسى. مەسىلەن، مۈشۈك ئائىلىسىنىڭ مۈشۈك ئۇرقدىشى ۋە يولۋاس ئۇرۇقدىشىغا؛ باشاقلىقلار ئائىلىسىنىڭ شال ئۇرۇقدىشى، بۇغداي ئۇرۇقدىشى ۋە سۇلۇ ئۇرۇقدىشى قاتارلىقلارغا بۆلۈنگىنىگە ئوخشاش.