Uyghur主要词典
ئۇر ناممۇ
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ - 2096). ئۇر ئېنگۇر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى سۇمېرلارنىڭ شەھەر دۆلىتى ئۇرنىڭ پادىشاھى. ئۇر Ⅲ خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 2113 - 2096). سۇمېرلارنىڭ شەھەر دۆلىتى زەئىپلىشىشكە باشلىغان پەيتتىن پايدىلىنىپ، رەقىبى ئۇرۇكنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇر Ⅲ خاندانلىقىنى قۇرۇپ، ئۇرنى پايتەخت قىلغان. ئۇ داۋاملىق ئۇرۇش ئارقىلىق بويسۇندۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئىككى دەريا ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سومېرلارنىڭ <گۈللەندۈرگۈچىسى> دەپ تونۇلغان. ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ھەربىي، سىياسىي ۋە ئەدلىيە ھوقۇقىنى بىر ئۆزى تۇتقان. ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇر، ئېرىدۇ ۋە راگىش قاتارلىق جايلاردا سۇغىرىش ئۆستەكلىرىنى ياساتقان. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ۋە قۇلدارلار سىنىپىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن <ئۇرناممۇ قانۇنى> نى ئېلان قىلغان. قانۇن سۇمېر يېزىقىدا يېزىلغان بولۇپ (ھازىر كىرىش سۆزى ۋە بىر نەچچە ماددىسىنىڭ قالدۇقى ساقلىنىپ قالغان)، تاكى مۇشۇ كەمگىچە دۇنيا تارىخىدا ئىنسانلار بىلىدىغان تۇنجى يازما قانۇن بولۇپ، مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى كېيىنكى باشقا قانۇنلارغا (يەنى <خاممۇرابى قانۇنى> ھەمدە <ئىنجىل، تەۋرات> تىكى قانۇنلارغا) زور تەسىر كۆرسەتكەن.