Uyghur主要词典
ئۇرچۇقسىمان تەنچە
بىئولوگىيە
يىپلىق بۆلۈنۈش ياكى سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈشنىڭ ئوتتۇرا دەۋرىدە ھۈجەيرىدە پەيدا بولىدىغان نۇرغۇنلىغان ئۇرچۇق يىپچىلىرىدىن تۈزۈلگەن ئۇرچۇقسىمان تۈزۈلۈش. بۆلۈنۈشنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگە كەلگەندە ئۇرچۇقسىمان تەنچە ئۆزلۈكىدىن ئېرىپ يوقىلىپ كېتىدۇ. ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپتا كۆزىتىش ئارقىلىق ئۇرچۇق يىپچىلىرىنىڭ مىكرو نەيچىلىرىدىن قۇرۇلغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ مىكرو نەيچىلەرنىڭ خروموسومىدىكى يىپلىنىش دانىچىسى (نۇقتىسى) بىلەن تۇتىشىدىغان - تۇتاشمايدىغانلىقىغا ئاساسەن ئۇ ئىككى تۈرگە، يەنى خروموسوما مىكرو نەيچىسى ۋە قۇتۇپ ئارا مىكرو نەيچە ياكى يىپلىنىش دانىچە مىكرو نەيچىسى ۋە غەيرىي يىپلىنىش دانىچە مىكرو نەيچىسىگە بۆلۈنىدۇ.