Uyghur主要词典
ئۇرىبې پېدراھىتا
دۇنيا تارىخى
(1897 - 1951) كولومبىيىلىك يازغۇچى ۋە باكتېرىئولوگ. مېدېلىندا تۇغۇلغان. كاۋكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پارازىتلار ئىلمى پروفېسسورى ۋە مەكتەپ مۇدىرى بولغان. بوگوتا مەملىكەتلىك تىببىي تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇنىڭ <تويا>، <ماي دېغى>، <سەيۋەسىدىدىلاس گىلاشياس>، <كارايىبلار> قاتارلىق رومانلىرى ۋە خەلق سەنئىتى، ئاددىي ھايۋانلار ھەققىدە يازغان ئىلمىي ماقالىلىرى بار.