Uyghur主要词典
ئۇقۇملاشتۇرۇش
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەدەبىياتتىكى بىر خىل ناتوغرا خاھىش. بۇنىڭدا ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئاساس قىلىنغان ھالدا ئوبراز يارىتالماستىن، بەلكى ئاددىي چۈشەنچە بېرىش ۋە « ئۇقۇملاشتۇرۇش » ئوبراز يارىتىشنىڭ ئورنىغا قويۇلىدۇ. ئورتاقلىق بىلەن ئىندىۋىدۇئاللىق، ئومۇملۇق بىلەن ئايرىملىقنىڭ دىئالېكتىك بىرلىكىگە سەل قارايدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن يارىتىلغان ئوبراز دەۋر روھىنىڭ ساپ كانىيى بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئوقۇملاشتۇرۇلغان ئەسەرنىڭ تەسىرلەندۈرۈش كۈچىمۇ بولمايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەدەبىيات
ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىدىكى كونكرېت تەسۋىر ھەم تىپىك ئوبرازنى يارىتىش كەم بولغاندا، ئابستراكت ئۇقۇمنى شەخسنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقى دەسسىتىدىغان بىر خىل ناچار خاھىش.