Uyghur主要词典
ئۇپالى
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگرىرىكى Ⅴ ئەسىردە) مەنە تەرجىمىسى - <يېقىندىن ئېلىش> ياكى <يېقىندىن تۇتۇش>، بۇددا دىنىنى ياراتقۇچى ساكيامۇنىنىڭ ئون چوڭ شاگىرتىنىڭ بىرى. كاپىلاۋاستۇ دۆلىتىدىن بولۇپ، سۇدرا ۋارناسىغا تەۋە، ساكيا خان سارىيىدا ساتىراشلىق قىلغان؛ ساكيامۇنى جاھان كەزگىلى چىققاندا، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان. دىن ئەھكاملىرى (ۋىنايا) نى ئادا قىلىشتا بىرىنچى بولۇش بىلەن داڭق چىقارغان. بۇددا دىنى ئەسەرلىرىدە خاتىرىلىنىشىچە، راجاگارخا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق بۇددا دىنى يىغىنىدا ئۇ يادقا ئوقۇغان پەرھىز قىلىنىدىغان ئىشلار كېيىن <ۋىنايا پىتاكا> بولۇپ تۈزۈلگەن.