Uyghur主要词典
ئۇنسۇر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئېلېمېنت، ئاساسىي ماددا، ئۇنسۇر:
مېھرى لۇتقۇڭ نەچچە زىدلەر ئۇنسۇرىن پەيۋەند ئېتىپ،
باد، خاكۇ ئابۇ ئاتەش بىر - بىرىگە ئىختىلات.
شەۋقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تۈپ، ئەسلى، ئېلېمېنت(كۆپلۈكى<ئاناسىر>).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئېلېمېنت.
سۇدىن نۇرغۇنلىغان مىكرو ئېلېمېنتلار، تۇپراقتىن ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، مىس، سىماب، كالتسىي، كالىي، ناترىي، فوسفور، مانگان قاتارلىق 60 نەچچە ئۇنسۇر كەشىپ قىلىندى.
مەلۇم ئىجتىمائىي گۇرۇھ ۋەكىلى، كىشى.
زىيالىي ئۇنسۇر. ئەكسىيەتچى ئۇنسۇر.
جان ت. دۈشمەن.
- سەن ئۇنسۇرنىڭ بۇ ئاشلىقتا ھەققىڭ يوق! - دېدى ئامبارچى خالتىنى ئۇنىڭ بېشىغا ئېتىپ، - ئاۋۋال قەرىڭنى تۆلە!