Uyghur主要词典
ئۇمەييە سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(661 - 750) ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ تۇنجى خەلىپە سۇلالىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ سۇلالىنى مەككىدىكى ئۇمەييە جەمەتىدىن مۇئاۋىيە سۈرىيىدە قۇرغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالدى. دەمەشىق پايتەخىت قىلىندى. مۇئاۋىيەنىڭ ئوغلى يەزىد تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ، تەختنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قېلىشىنى باشلاپ بەردى. ئابدۇمالىك (685 - يىلىدىن 705 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) دەۋرىدە ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ياتلارنى باستۇرۇپ، ئەرەبلەشتۈرۈش ۋە ئىسلاملاشتۇرۇشنى تەدرىجىي يولغا قويدى. ئەرەب يېزىقىنى ھۆكۈمەت يېزىقى قىلدى. يەر بېرىش تۈزۈمىنى باشلىدى. سىرتتا زېمىننى كېڭەيتىش ئارقىلىق، دائىرىسىنى شەرقتە، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كۆپ قىسمىغا ۋە ھىندى دەرياسى ئېقىمىغا؛ غەربتە، شىمالىي ئافرىقىغا ۋە ئىسپانىيىگە؛ شىمالدا، كاسپىي دېڭىزغا؛ جەنۇبتا، نىل دەرياسىغا يەتكۈزۈپ، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپادىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەنى ھالقىدى. كېيىنكى مەزگىلدە ھەر خىل دىنىي بىلىملەر ۋە مەدەنىيەتلەر خېلى تەرەققىي قىلدى ھەمدە قەدىمكى گرېك ۋە پارس تىلىدىكى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش باشلاندى. بۇ ئىش دەسلەپ خاۋارىجلارنىڭ ۋە شىئە مەزھىپىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. كېيىنكى مەزگىلدە سىياسىي - ئىقتىسادىي كرىزس چوڭقۇرلىشىپ، 749 - يىلى ئەبۇ مۇسلىم قوزغىلىڭى پارتلىدى. 750 - يىلى سۇلالە ئابباسىيلار جەمەتى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇۋېتىلدى. ئوردىدىكى ئابدۇرەھمان ئىسپانىيىگە قېچىپ بېرىپ، كوردوۋادا ئەمىر دۆلىتى قۇردى. بۇ دۆلەت تارىختا كېيىنكى ئۇمەييە سۇلالىسى دەپ ئاتالدى. بايرىقى ئاق بولغاچقا، <ئاق ئەرەبلەر> دەپمۇ ئاتالدى.