Uyghur主要词典
ئۇمبىرىلار
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى ئىتالىيىنىڭ ئاھالىسى. دەسلەپ ئوتتۇرا ئىتالىيىگە جايلاشقان، ئادرىياتىك دېڭىزىدىن تىررېن دېڭىزىغىچە بولغان كەڭ رايوننى ئۆز ئىچىگ ئالغان، كېيىن ئېترۇسلار تىبىر دەرياسىنىڭ غەربىي رايونىنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن (ئېترورىيە دەپ نام بەرگەن)، تىبىر دەرياسىنىڭ شەرقىگە قوغلىۋېتىلگەن ھەم ئۇ يەردە ئۇزاق ۋاقىت تۇرغان، شۇڭا تىبىر دەرياسىنىڭ شەرقىدىن ئادرىياتىك دېڭىزىغىچە بولغان بۇ زېمىنغا ئۇمبىرىيە دەپ نام بېرىلگەن. ئۇمبىرىيىنىڭ دېڭىز ياقىسىدا سېنونېلار (گاللىلارنىڭ بىر تارمىقى) ئولتۇراقلاشقان، شۇڭا بۇ يەر <گاللىلار كەنتى> دەپمۇ ئاتالغان. ئۇمبىرىيىنىڭ ئىچكىرىدىكى (جەنۇبىدىكى) نارنىيە، دېڭىز ياقىسىدىكى ئارىمىنۇم، فانۇم فورتۇنالار مۇھىم شەھەر ھېسابلىنىدۇ. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇمبىرىلار رىمغا بويسۇنۇشقا باشلىغان، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا سېنونېلار مۇرىمغا بويسۇنغان. رىم ھۆكۈمرانلىرىنىڭ <گاللىلار كەنتى> گە مۇستەملىكىچىلىكنى يولغا قويۇپ، قارشىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا (بىرىنچى قېتىملىق پونى ئۇرۇشىدىن كېيىن، فلامىنى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە)، ئاخىرى رىم تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. رىم دۆلىتى ياساتقان <فلامىنى چوڭ يولى> رىم شەھىرىدىن ئۇمبىرىيىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى فانۇن فوتۇناغىچە بارغان.