Uyghur主要词典
ئۇلۇغلار قەبرىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇسۇلمانلار تىۋىنىدىغان بەزى ئۇلۇغلارنىڭ مەقبەرىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مەسلەن، مەدىنە مەسچىتى نەبىدىكى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام قەبرىسى، ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى ۋە ھەزرىتى ئۆمەرلەرنىڭ قەبرىسى قاتارلىقلار ئۇلۇغلار قەبرىسى ھېسابلىنىدۇ. شىئە مەزھىپىدىكىلەر نەجەفتىكى ھەزرىتى ئەلىنىڭ قەبرىسىنى ۋە كەربالادىكى ھۈسەينىنىڭ قەبرىسىنى تاۋاپ قىلىدۇ. تەسەۋۋۇپچى مۇسۇلمانلار ( سوپىلار ) ئۆز دىنىي پىرقىسىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ قەبرىلىرنى تاۋاپ قىلىدۇ. ۋە ھھابىلار بولسا « ئۇلۇغلارنىڭ قەبرسى » نى تاۋاپ قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ، ئۇنى مۇشرىكلىك، دەپ قاراپ، 1801 _ يىلى ۋە 1804 _ يىلى كەربالا ۋە مەككىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يەرلەردىكى « ئۇلۇغلارنىڭ قەبرىلىرى » نى چېقىۋەتتى. جۇڭگودا دىني تەرغىبات ئېلىپ بارغان ئەۋلىيا، خوجا، پىر، ئىشان قاتارلىقلارنىڭ قەدىمىي قەبرىسى، مازار، گۈمبەز قاتارلىقلار « ئۇلۇغلار قەبرىسى » سۈپىتىدە تاۋاپ قىلىندى.