Uyghur主要词典
ئۇلۇغبەگ
دۇنيا تارىخى
(1394 - 1449) ئوتتۇرا ئاسىيادىك سەمەرقەندنىڭ ھۆكۈمرانى. شاھرۇھنىڭ چوڭ ئوغلى. 1409 - يىلى دادىسى ئۇنىڭغا سەمەرقەندنى بەخشەندە قىلىپ بەرگەن. ئۇ ناھايىتى بىلىملىك، بولۇپمۇ ئاسترونومىيىگە پىششىق ئىدى. تەخمىنەن 1428 - يىلى سەمەرقەندتە چوڭ رەسەتىانىدىن بىرنى سېلىپ، نۇرغۇن ئالىملار بىلەن بىللە ئۇزاق مۇددەت كۆزىتىش ئارقلىق <ئۇلۇغبەگنىڭ يېڭى ئاسترونومىيە جەدۋىلى> نى تۈزۈپ چىققان، ئۇ ئوتتۇرا ئەسىردىكى مۇھىم ئاسترونومىيە ھۈججىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مەدەنىي مائارىپنى تەشەببۇس قىلاتتى، بىر نەچچە ئىسلام مەدرىسىسىنى قۇرغان، شۇنىڭ بىلەن سەمەرقەند شۇ چاغدىكى داڭلىق ئىلىم - مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 1447 - يىلى دادىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ تېمۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ سۇلتان بولغان. تەختتە ئاران ئىككى يىل ئولتۇرۇپلا، ئوغلى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
بۈيۈك ھۆكۈمران، بۈيۈك سۇلتان ياكى بەگلەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى، سەردارى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
ھۆرمەتلىك بەگ، ئۇلۇغ بەگ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ھۆرمەتلىك بەگ، ئۇلۇغ بەگ