Uyghur主要词典
ئۇلىشدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ھۇلاشتى.
بۆرى بارچا ئۇلىشدى _ بارچە بۆرە ھۇلاشتى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئۇلشىپ ئەرەن بۆرلەيۈ
يىرتىپ ياقا ئۇرلايۇ
سىقرىپ ئۈنى يۇرلايۇ
سىغتاپ كۆزى ئۆرتۈلۈر
ئەلەر بۆرىدەك ھۇلىشىپ،
ياقا يىرتىپ ۋارقىرىشىپ،
ئۈنىنىڭ بېرىچە چېقىراپ، پەريات چېكىپ،
ئۆكسۈپ كۆزى ئۆرتىلەر.
ئادەملەرئافراسىياپنىڭ ئۆلۈمىگە ئېچىنىپ، بۆرىلەردەك ھۇلاشتى، ئاھ ئۇرۇپ ياقىلىرىنى يىرتىشتى، بەزىدە مۇڭلۇق نەغمە ئاۋازىدەك ئۈنسەپ پەريات چېكىشتى، كۆپ يىغلاپ، كۆزلىرى كۆرمەس بولۇپ كەتتى ( ئۇلىشۇر _ ئۇلىشماق).
1 - 254