Uyghur←Chinese主要词典
ئۇلپىيانۇس
دۇنيا تارىخى
乌尔比安
wū ěr bǐ ān
(تەخمىنەن 170 - 282 - يىللار) قەدىمكى رىم قانۇنشۇناسى. ئەسلى يۇرتى فىنىكىيىنىڭ تېرى دېگەن جايىدا. رىم پادىشاھى سېپتىمىيۇس سېۋېرۇس تەختتە تۇرغان چاغدا زوراغاللىق مەھكىمىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. كاراكاللا (211 - 217 - يىللىرى تەختتە تۇرغان) مەزگىلدە مۇھىم ئەمەل تۇتقان. بىر مەزگىل سۈرگۈن قىلىنغان. ئالېكساندر سېۋېرۇس تەختكە چىققاندىن كېيىن چاقىرتىپ كېلىنىپ (222 - يىلى)، مۇھىم مەسلىھەتچى ۋە گۋاردىيە ئوفىتسېرى بولغان. شۇڭا ئۇنىڭ ھوقۇقى ۋە كۈچى بىردىنلا ئاشقان. كېيىن گۋاردىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن پادىشاھ (ئالېكساندر) ئالدىدا ئۆلتۈرۈپ تاشلانغان. ئىمپېرىيە زامانىسىدا ئەڭ كۆپ ئەسەر يازغان قانۇنشۇناس بولۇپ، مول بىلىمگە ئىگە، قانۇن - ھۆججەتلەرنى پىششىق ئىگىلىگەن. ئۇنىڭ قول يازمىلىرى مەنە جەھەتتىن ئېنىق بولغاچقا كەڭ تارقىلىپ، ياۋروپانىڭ كېيىنكى زامان قانۇنچىلىقىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. يۇستىنيانۇس (مىلادى Ⅵ ئەسىر) <دۆلەت قانۇنى قامۇسى> دېگەن كىتابن يازغاندا، ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن <تەلىماتلار توپلىمى> قىسمى ئولپىيانۇسنىكىدىن ئېلىنغان بولۇپ، باشقا ھەرقانداق بىر قانۇنشۇناسنىڭكىدىن كۆپ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئولپىيانۇس بىلەن پائۇلۇس (زامانداش قانۇنشۇناسلار) ئىككىسىنىڭ يازغانلىرى <تەلىماتلار توپلىمى> نىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن. كېيىن باشقىلار توپلىغان <دومىتىيوس ئۇلپىيانۇس ماقالىلىرىدىن پارچىلار> قاتارلىقلار بار.