Uyghur主要词典
ئۇلدىماق
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
تاقىسىز ئاتنىڭ تۇيىقىنىڭ يالىنىپ كېتىشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئۇلنىڭ چۈشۈپ كەتكەن، بۇزۇلغان يەرلىرىنى كېسەك، لايلار بىلەن پۈتۈنلىمەك؛ مۇستەھكەملىمەك، چىڭىتماق.
تامنى ئۇلدىماق.
قوغۇن، تاۋۇز، كاۋا، قاپاق قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ تۈۋىنى كولاپ، قىغ، بۇيا قاتارلىقلارنى كۆمۈپ ئوغۇتلىماق.
قوغۇن ئۇلدىماق. تاۋۇز ئۇلدىماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
دىئال. تاشلىق يولدا تاقىسىز ھايۋانلارنىڭ تۇيىقى ئۇپرىماق.