Uyghur主要词典
ئۇلاشماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ئۇلىماق> پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.
بېلىقچىلار تورنىڭ ئۈزۈلگەن يىپلىرىنى ئۇلىشىپ، يەنە بىر قېتىم سېلىشقا تەييارلاندى.
بىرىنىڭ ئاخىرىغا بىرى تۇتاشقان، ئۇلانغان، باغلانغان ھالەتتە بولماق.
پەسىل كەينىدىن پەسىل، ئىش كەينىدىن ئىش بىر - بىرىگە ئۇلىشىپ كېلىۋەردى.
سۆزنىڭ باش - ئايىغى ئۇلاشمىدى.
يېقىنلاشماق، تەڭلەشمەك.
ئوتتۇز ياشقا ئۇلاشتىڭ، مۇبارەك تويۇڭ ۋەتەن، چاقنىسۇن گۈزەل، كۆركەم، گۆھەردەك بويۇڭ ۋەتەن.
يېتىپ كەلمەك، يەتمەك.
بۇلار چۈشكە يېقىن بىر يولغا ئۇلىشىپتۇ.
كۆچمە. ئېرىشمەك، ئىگە بولماق.
نەچچە يىلدىن بېرى ئاتىمۇ، ئانىمۇ يىراق - يېقىن دېمەي ھەر تەرەپكە كىشى قونغان بولسىمۇ، دىتىغا ياققۇدەك كېلىنگە ئۇلىشالمىدى.