Uyghur←Chinese主要词典
ئۇكسمال
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
乌斯马尔
wū sī mǎ ěr
دۇنيا تارىخى
乌什马尔
wū shén mǎ ěr
(يامايدىكى قەدىمىي شەھەر. مېكىسىكىنىڭ يۇكاتان يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى مېرىدا شەھىرىنىڭ تەخمىنەن 80 كىلومېتىر جەنۇبىدا. مىلادى Ⅹ ئەسىردە قۇرۇلغان بولۇپ، چىچېن ئىتزار ۋە ماياپان بىلەن بىرلىكتە مايانىڭ سىياسىي، دىنىي مەركىزىنىڭ بىرى بولغان. تەخمىنەن 1441 - يىلى تاشلىنىپ قالغان. ھازىر ساقلىنىپ قالغان ئاساسىي قۇرۇلۇشلىرى قەدىمىي دەۋرنىڭ كېيىنكى دەۋرىگە مەنسۇپ بولۇپ، يەر تۈزۈلۈشىگە قاراپ، بىر نەچچە بۆلەك قۇرۇلۇشلارغا ئايرىلغان. ئېگىزلىكى 31 مېتىر كېلىدىغان بىر ئىلاھىي ئىبادەتخانا بولۇپ، ئۇ ئاز دېگەندىمۇ ئوخشاش بولمغان بەش دەۋرنىڭ ئىلاھىي ئىبادەتخانا قاتلىمىغا ئىگەن. ئوردا قۇرۇلۇشى ئاجايىپ نەپىس. مەشھۇر <ئەمەلدارلار تۇرالغۇسى>، <راھىبە موناستىرى> نىڭ ھەر بىرىدە 24 ئېغىز ۋە 90 ئېغىزدىن ئۆي بولۇپ، ئىنتايىن نەپىس بېزەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى <ئەمەلدارلار تۇرالغۇسى> لاتىن ئامېرىكىسىدىكى قەدىمىي قۇرۇلۇشلار ئىچىدە ئەڭ ھەشىمەتلىكى دەپ قارالماقتا.