ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئار - نومۇس.
ئۇيات ئۆلۈمنى يېڭەر (ماقال).* ئۇيات بار يەر، ئىمان بار يەر (ماقال).
ئۇياتقۇ، قەلبىڭدىن كەلمىسە دەۋا،
بېشىڭدىن چىقمىسا غۇرۇر ۋە سەۋدا.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئۇياتماق، ئۇيىتىش. ئۇيالماق، نومۇس قىلماق.
كىشىدىن ئۇياتقۇچە، ئۆزۈڭدىن ئۇيات (ماقال).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەمنىڭ ئۆز ئىززەت - ھۈرمىتىنى ساقلاش، قەدىرلەش تۇيغۇسى.
نومۇس مەسىلىسى - ئالاھىدە غۇرۇرلۇقنىڭ بەلگىسى. ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرەر، توشقاننى قومۇش. نومۇسىنى بىلمىگەن ئادەمدە گۈزەل ئەخلاق بولماس. ئېگىز تاغدا قار بولار، مەرد يىگىتتە ئار بولار. شەخسىيەتچىلىككە بېرىلگەن ئار - نومۇسىنى ئۇنتۇر. ئۇيات تۇرغان يەردە، ئىمان تۇرار. كېپەكتە قۇۋۋەت يوق، ئابدالدا ئۇيات. - كىشىدىن ھايات كەتسە، ئورنىغا بالا كېلەر. ھايا بار يەردە ۋاپا بار. قىزنىڭ كۆركى شەرم - ھايا. ئىزا ئۆلۈمدىن قاتتىق.