Uyghur主要词典
ئۈزمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
كۈچ بىلەن بىرەر نەرسىنى تاتىپ پۈتۈنلەي ئاجراتماق، بۆلمەك.
ئارغامچىنى ئۈزمەك. بوغقۇچنى ئۈزمەك.
ھەر خىل مېۋە، گۈل قاتارلىقلارنى ئۆسۈملۈك تېنىدىن ئاجراتماق.
ئۈزۈم ئۈزمەك. گۈل ئۈزمەك. قوغۇن ئۈزمەك. تاۋۇز ئۈزمەك. يوپۇرماق ئۈزمەك.
كۆچمە. تۈگەتمەك، تۆلىمەك.
ئۇ بۇ يىل يېرىدىن مول ھوسۇل ئېلىپ، گەدىنىدىكى قەرزلەرنى پۈتۈنلەي ئۈزگەندىن تاشقىرى، ئېشىنغان پۇلىغا بىر ئات سېتىۋالدى.
بىرەر ھەرىكەت، پائالىيەتنى ئاخىرلاشتۇرماق، توختاتماق.
مۇناسىۋەتنى ئۈزمەك. گەپنى ئۈزمەك. ئۈمىدنى ئۈزمەك. ئالاقىنى ئۈزمەك.
مەھرۇم قىلماق، خالىي قىلماق.
ئاشلىقتىن ئۈزمەك.
ئاتماق، چىقارماق (ئوق ھەققىدە).
رەجەپ ساق - سالامەت دەرياغا چۈشتى ۋە ئارقىچىلاپ مېڭىپ قوغلاپ كېلىۋاتقانلارغا قارىتىپ ئوق ئۈزدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قول - پۇتلىرىنى مىدىرلىتىپ سۇدا يۈرمەك، بىر تەرەپكە قاراپ ھەرىكەت قىلماق؛ سۇنى يېرىپ ئىلگىرىلىمەك.
دەريادا ئۈزۈپ كېلىۋاتقان كىشى ئىككى ئىدى.
لەيلىمەك، لەيلەپ يۈرمەك (بۇلۇت قاتارلىقلار ھەققىدە)؛
بۇلۇتلار ئاسماندا ئۈزۈپ يۈرمەكتە.
رۇقىيە بۇلۇتلار ئارىسىدا بىر يوقىلىپ، بىر پەيدا بولۇپ ئۈزۈپ يۈرگەن ئايغا قارىغىنىچە خىيالغا كېتەتتى.